مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو (قەشقەر) — ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2023.11.01 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو (قەشقەر) —ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «‹بىر بەلباغ، بىر يول›نى ئورتاق قۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى» باش تېما قىلىنغان. جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، نېپال، سىرىلانكا، ھىندىستان قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر مۇنبەرگە قاتناشتى. مۇنبەردە «‹بىر بەلباغ، بىر يول›قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەشەببۇسنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

  جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چېن مۇنبەردە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن ئىدارە قىلىش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاساس ۋە كاپالەت. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قانۇنشۇناسلىق، قانۇن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەملەرنىڭ «يۇمشاق بىرلەشتۈرۈش» سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، راۋان «قائىدە يولى» بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداش كېرەك؛ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىلمىي ئالاقە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو قانۇن ئىدارە قىلىش خەلقئارا مۇنبىرى قاتارلىق مۇھىم سۇپىلارغا تايىنىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىلمىي مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنى، كۇرس ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالاقە ساھەسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ