شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.10.27 14:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پېترو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ كولومبىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كولومبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى ۋە قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو بىلەن كولومبىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقىدا شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ كولومبىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، كولومبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدۇ، كولومبىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاققىچە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تىنچلىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ كولومبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو ـ كولومبىيە مۇناسىۋىتى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. كولومبىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئائىلىسىگە بالدۇرراق قوشۇلۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا بىرلەشمە كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇر ئالاقىسى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. كولومبىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، يېشىل تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى، سەنئەت ئۆمىكى ـ گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، كولومبىيە تەرەپنىڭ كولومبىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، كارخانىلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن كولومبىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ كولومبىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 2025 ـ يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاشنى خالايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  پېترو مۇنداق بىلدۈردى: ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۈگۈنكى جۇڭگو ۋە دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى مۇھىم ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. كولومبىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. كولومبىيە بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، كولومبىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، كولومبىيەنىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق ئارزۇ قىلغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىرلىشىشنى ساقلاپ، ئۇرۇش توختىتىپ، ھارارەتنى پەسەيتىشنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كولومبىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. كولومبىيە تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ـ جۇڭگو مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، 2025 ـ يىلى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش، سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پېترو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن كولومبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. پېترو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا پېترو ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ