شى جىنپىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.10.27 14:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىزچىل تۈردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالقىشلىدى، دوكتور كېسىنگىرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى بېكىتىش ـ بېكىتەلمەسلىكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنمۇ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ