مۇھىم خەۋەرلەر

ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش دەسلەپكى تاللىشى پات ئارىدا باشلىنىدۇ

2023.10.31 13:30 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە شىنجاڭ 2024-يىللىق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش دەسلەپكى تاللاش، تەكشۈرۈش خىزمىتى كۈنتەرتىپى تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان:

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى ئوغۇللار (ئادەتتىكى تۈر پىلانى) بولۇپ، تىزىملاتقان ۋە تىزىملىتىشنى قولدىن بېرىپ قويغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھازىرقى (بۇلتۇرقى) تولۇق ئۈچىنچى يىللىق ئوغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ھەربىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن)، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمايدىغان سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش تاللىشىغا قاتناشماسلىقى كېرەك.

  تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى ياكى ئائىلە نوپۇس دەپتىرى، شۇنداقلا «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى»نى ئېلىپ كېلىشى كېرەك، جەدۋەل يوق ئوقۇغۇچىلار «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ غەربىي شىمالدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن چۈشۈرسە ياكى دەسلەپكى تاللاپ تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدىن ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تاماقتىن كېيىن تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدۇ، ئاچ قورساق بېرىش ھاجەتسىز؛ ئالدىنقى مەزگىلدە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى قولدىن بېرىپ قويغان ھەمدە ئاساسىي شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە مۇناسىپ تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدۇ؛ تەكشۈرۈش تۈرى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك؛ بۇ قېتىمقى دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە چېتىلمايدىغان شىنجاڭدىكى باشقا شەھەر، ئوبلاستلاردىكى تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ غەربىي شىمالدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ «ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش» بۆلىكىدىن «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى»نى چۈشۈرۈپ، مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كۆز كېسەللىكلىرى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە تەكشۈرتسە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرىنى تولۇق تولدۇرۇشى كېرەك، مەكتەپ تەۋسىيە پىكرىنى تولدۇرۇپ ھەمدە تامغا باسقاندىن كېيىن رەسىمگە تارتىپ، رەسىمنى ھاۋا ئارمىيەسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىنىڭ پوچتا ساندۇقىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك. پوچتا ئادرېسى:kjzflzxbzx@163.com ؛ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۈنتەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى،10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بالدۇر بېرىپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالى بولسا، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: 4865353-0931 ، 8958033

  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشى ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەۋە بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ، نەتىجىسى ئەلا بولغانلار چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسىنىڭ «قوش ئوقۇش تەۋەلىكى»دىكى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ