يىن خېجۈننى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلىقىغا، لەن فۇئەننى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى
شى جىنپىڭنىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى
جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش قانۇنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنى ماقۇللاندى؛ لى شاڭفۇنى دۆلەت كومىسسارلىق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، چىن گاڭنى دۆلەت كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋاڭ جىگاڭنى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، يىن خېجۈننى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلىقىغا تەيىنلەش، ليۇ كۈننى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، لەن فۇئەننى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 -، 13 -، 14 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 162 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت زايومىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش ۋە 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھىسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھۆكۈم قىلىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش جىنايى ئەھدىنامىسىنىڭ قورال - ياراغ ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ياساش ۋە توشۇپ سېتىشقا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى تولۇقلىما كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى، ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئىمتىيازى ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «خەلقئارا يۈرۈش بەلگىسى تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى»غا كىرىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى ئايرىم - ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، لى شاڭفۇ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، ليۇ شاۋيۈن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش - قالدۇرۇش لايىھەلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيېنىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنلىن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مەنبە: خەلق تورى