مۇھىم خەۋەرلەر

ئېگىزدىن نەرسە تاشلاپ باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلدى

شىنجاڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بىر جاۋابكار ئېگىزدىن نەرسە تاشلىغانلىقتىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى

2023.10.31 01:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش دېلوسىنى سوت قىلىپ، ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش جىنايىتى بىلەن لى فامىلىلىككە مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  2022-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0 دە، جاۋابكار لى فامىلىلىك ئائىلىسىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن ھاراق ئىچىپ ئۆيىدە خوتۇنى بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئاشخانا ئۆيدىكى ئەينەك ئىشىك، بۇستارتقۇ قاتارلىق بۇيۇملارنى چېقىپ بۇزۇۋەتكەن ھەمدە بىر دانە توك قازىنى، نۇرغۇن فار-فۇر تەخسە، مەرمەر تاش قاتارلىق بۇيۇملارنى ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن تاشلاپ، بىنانىڭ ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر دالا ئاپتوموبىلىنى چېقىۋېتىپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سول تەرەپ ئارقا كۆرۈش ئەينىكى، سول تەرەپ ئالدى ئىشىكى، سول ئالدى چوڭ چىراغ قالپىقى، سول قانات تاختىسى، ئالدى شامال توسۇش ئەينىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. باھالاش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ قىممىتى 7850 يۈەنگە يەتكەن. لى فامىلىلىك سوتقا كەلگەندىن كېيىن ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن ھەمدە ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

  سوت مەھكىمىسى ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش جىنايىتى بىلەن لى فامىلىلىككە ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەمدە 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

  سودىيە مۇنداق دېدى:

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 291-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ئىمارەت ياكى باشقا ئېگىز جايدىن نەرسە تاشلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش قىلمىشى يېنىك بولغاندا يولۇچىلارنى قورقۇتىدۇ، مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا باشقىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ، بۇنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ