لى چياڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.27 11:55 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېشكەكتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېشكەكتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنىسى. بۇ يىل 5-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، گۈللەنگەن جۇڭگو-قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ساھەسى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىستېرېئولۇق، كۆپ مەنبەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق باشلاش كېرەك. ساياھەت، يەرلىك، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىخەتەر، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق قوغداش لازىم. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

  جاپپاروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 5-ئايدا، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، قىرغىزىستان-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللايدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ