مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو - چەت ئەل خەلق ئىچى ئالماشتۇرۇشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولىمىز

جۇڭگو - چەت ئەل خەلق ئىچى ئالماشتۇرۇشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولىمىز

2023.08.28 15:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئايدىكى شىنجاڭدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدۇ، ئەزىز مېھمانلار تەرەپ - تەرەپتىن كېلىدۇ. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت سىرتىدىكى خۇايى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  بۇ قېتىمقى مەملىكەت سىرتىدىكى خۇايى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىسپانىيە، سىنگاپور قاتارلىق 12 دۆلەتتىن كەلگەن 14 ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 13 ئەزانىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز، مەدەنىيىتى رەڭدار، گۈللەنگەن بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋېتىپتۇ، بىز جۇڭگو - چەت ئەل خەلق ئىچى ئالماشتۇرۇشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ مۇزېيىدا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىلگىرى دەرسلىك كىتابتا كۆرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چىلىدىن كەلگەن گۇەن ۋېيلۇڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ ئارخېئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارغا تولىمۇ قىزىقاتتى. «يىپەك يولى مۇھىم ئىقتىساد كارىدورى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كارىدورى.» گۇەن ۋېيلۇڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە قويۇق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  تۇرپان شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلى، قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ماختىدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى بۇرۇنقى ئاۋاتلىقىنى بايان قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەيۋەتلىك «800 چاقىرىملىق يالقۇنتاغ» كۆپچىلىككە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئېلىپ كەلگەن ئالاھىدە تەسىراتنى ھېس قىلدۇردى. كوستارىكادىن كەلگەن دېڭ خاۋشيەن بىر كارىزنىڭ سۇ چىقىش ئېغىزىدا ئېڭىشىپ تۇرۇپ سۇنى ئوچۇملاپ ئېلىپ، بارماقلىرىدىن تارالغان سالقىنلىقنى ھېس قىلدى. نەچچە مىڭ يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھېلىھەم ئىشلىتىلىۋاتقان يەر ئاستى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئالدىدا، ئۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

  قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى ۋە «ساپال بۇيۇملار كەنتى» «قەلەمتىراش كەنتى»گە كېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان دارۋازلىق ئويۇنىنى كۆردى، ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى نەق مەيداندا سىناپ باقتى. بۇ ساپال بۇيۇملار ۋە قەلەمتىراش ياساش ئۇستىلىرىنىڭ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، كۆپچىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئالقىشلىدى.

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زور مەبلەغ سېلىپ «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئەنگلىيەدىن كەلگەن يىن جيې مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بۇنچە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. ئۆمىكىمىزدىكىلەرنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى شەھەر پىلانلاش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، بىرمىدىن كەلگەن ياڭ دالۇڭ ئىزچىل چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ سىنغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئېيتتىم. مەن كۆرگەنلىرىمنى سىنغا ئېلىپ بىرمىغا ئېلىپ كەتمەكچى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ۋە تەجرىبە - ئۇسۇللىرى ئۆگىنىشكە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن».

  بەش كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق سىنگاپوردىن كەلگەن يەن زىشىن شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالدى. «كوچا بويىدىكى دەرەخ سايىسىدە سالقىنداۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ بەھۇزۇر شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تولىمۇ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي ھالىتىدىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشتىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، شىنجاڭ كاۋاپلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار... شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. ئىسپانىيەدىن كەلگەن چېن ياجېن مۇنداق دېدى: «بۇ جاي قويۇق قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، مەن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى ئېلىپ شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ