مۇھىم خەۋەرلەر

شىئەندە گۈزەل شىنجاڭنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىش

2023.08.28 15:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىگىلىك تىكلىگىنىگە تۆت يىل بولدى، شەنشى شىئەندە بىر ئاشخانا ۋە بىر مەيخانا ئېچىۋاتىدۇ، چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىدا يەنە سەككىز يايمىسى بار... مۇخبىرلار بۇنداق بىر بۆلەك تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغىنىدا، بۇنىڭ 28 ياشلىق شىنجاڭلىق بىر قىز بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىدىكىلەر چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىغا كەلدى.

  «ياخشىمۇسىلەر، مەن رەيىمە، يۇرتداشلىرىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم.» رەيىمە ئەخمەتجان مۇخبىرلار بىلەن بىر ـ بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭ چېھرىدە تاتلىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى

  ئوتتۇرا بويلۇق، چېچى بېلىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان رەيىمەنى زىلۋا دەپ سۈپەتلىسە ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمما قارىماققا ئاجىز كۆرۈنىدىغان بۇ قىز شىئەندە ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرگۈدەك ئىگىلىككە ئىگە بولغانىدى. ئۇ قانداق قىلىپ تۆت يىلدىلا شىئەندە بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟

  رەيىمە مۇخبىرلارنى ئۆزى چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان «خۇفېڭ كوچا رايونى»غا باشلاپ كەلدى.

  سامسا، پولۇ، چاۋمىفىن، كاۋاپ، ماروژنى، دوغاپ... «بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكىچە ھەممىسى مېنىڭ» دېدى رەيىمە بىر رەت يايمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ياغاچ ئويمىلار، ئاسما گىلەملەر، ئەتلەس بېزەكلەر... يايمىنىڭ ئىچى ـ سىرتى شىنجاڭ ئامىلى بىلەن لىق تولغانىدى.

  «شىئەنگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىمگە ئۆزۈمگە قېيدىغانلىقىم سەۋەب بولغان» دېدى رەيىمە.

  2017 ـ يىلى، رەيىمە شەنشى خەلقئارا سودا شۆيۈەنىنىڭ دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى، ئىزچىل دورىگەرلىككە قىزىقىدىغان ئۇ بىر تېببىي دورا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىگە قوبۇل قىلىندى. «شۇ چاغدا مەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلدىم» دېدى رەيىمە.

  2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، رەيىمە ئۈچ نومۇر كەملەپ قېلىپ ئاسپىرانتلىققا ئۆتەلمىدى. «مەن ھەقىقەتەن ناھايىتى تىرىشتىم، لېكىن يەنىلا ئۆتەلمىدىم.» ئۇ: ئەمدى ئىمتىھان بەرمەيمەن، ئىگىلىك تىكلەيمەن، دېدى.

  شۇنداق قىلىپ، 2019 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، رەيىمە ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى ئېلىپ شىئەنگە كەلدى. «مەن بۇ يەردە تۆت يىل ئوقۇغاچقا، بۇ يەرنى بىر قەدەر پىششىق بىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئەن ناھايىتى سىغدۇرۇشچان شەھەر، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ» دېدى رەيىمە.

  ئورۇن تاللاش، لايىھە تۈزۈش، مەبلەغ سالغۇچى سودىگەر ئىزدەش... ئۈچ ئايدىن كېيىن رەيىمەنىڭ شىئەندىكى تۇنجى ئاشخانىسى − «جياڭلەييۆ» تىجارەت باشلىدى. «دەسلەپتە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، ئۆزۈم ئۆگىنىپ، ئىزدىنىپ مۇكەممەل بىر لايىھە تۈزدۈم، لېكىن قولۇمدىكى مەبلەغ بىر ئاشخانا ئېچىشقا يەتمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەردىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىدىم. مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، شىنجاڭدىكى ئىككى مەبلەغ سالغۇچى مېنى قوللىدى» دېدى ئۇ.

  بېزەش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، سېتىۋېلىش، ھېسابات قىلىش، تەشۋىق قىلىش... ئەينى چاغدا ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن رەيىمە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناتونۇش ئىدى.

  «ئاتا ـ ئاناممۇ ئادەتتىكى خىزمەتچى، تىجارەت قىلىش تەجرىبىسى يوق، ماڭا يول كۆرسەتكۈدەك ئادەم بولمىغاچقا، ئۆزۈم ئۈزلۈكسىز ئۆگەندىم.» رەيىمە مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن ھەر كۈنى پەقەت تۆت ـ بەش سائەتلا ئۇخلىدىم.

  قايتا ـ قايتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، «جياڭلەييۆ» بۇ قىزنى مەبلەغ سالغۇدەك پۇلغا ئېرىشتۈردى. ئارقىدىن، رەيىمە يەنە بىر شىنجاڭ ئاشخانىسىغا مەبلەغ سالدى. «بۇ بىرقانچە يىلدا، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، ئۇسسۇلى، مەدەنىيىتىگە بارغانسېرى قىزىقتى، مەن شىنجاڭ ئاشخانىسىنىڭ دەل كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

  بۇلتۇر، چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رەيىمەنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن «خۇفېڭ كوچا رايونى»دا ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «مەن بىر يىل كۆزەتتىم، ئىزچىل ئىككىلەندىم، زېھنىمنىڭ چېچىلىپ، يالغۇز يېتىشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم» دېدى رەيىمە.

  لېكىن كۆزەتكەندىن كېيىن، رەيىمە چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىنىڭ شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدىغان ياخشى سۇپا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «شىئەنگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كوچا رايونىغا كېلىپ داكا قىلىدۇ، مەن بۇ يەردە ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتىنى يۈزتۇرا تونۇشتۇرالايمەن، بۇ نېمىدېگەن ياخشى!» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھېكايىسى ۋە شىئەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، مەن يەنە نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، «قەدىمكى يىپەك يولى»نىڭ بۈگۈنكى «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

  رەيىمە بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇنى ئىزدەيدىغان تېلېفونلار ئۈزۈلمىدى. «بىر مەيخانا ئاچقانىدىم، ھازىر ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىمەن، شۇڭا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. بۇ مەيخانىدا ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ خاس ھاراقلىرى سېتىلىدۇ، مەسىلەن مۇسەللەس دېگەندەك.» رەيىمە مۇنداق دېدى: مەن ئىشنى ياخشى قىلغاچقا، ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مېنى ئىزدەپ كېلىدىغانلار بار، «بېيجىڭ، شاڭخەي، سەنيا، گۇاڭجوۋدىن بەزىلەر مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مېنىڭ تىجارىتىمگە مەبلەغ سالماقچى بولدى، لېكىن مەن قوبۇل قىلمىدىم. مەن يېتىشەلمەيمەن، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ئىشنى پۈتتۈرەلمەي قالسام بولمايدۇ ـ دە».

  «بىر ئادەم شۇنچە كۆپ ئىش قىلىپ چارچىمامسىز؟»

  «چارچىمايمەن دېسەم يالغان بولىدۇ، ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىغان، لېكىن ئىشلىگەنسېرى ھازىرقى تىرىشچانلىقىمنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ بارلىق گۈزەل شەيئىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنى ھەقىقىي چۈشىنىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇڭا چارچاپ كەتسەممۇ ھېچقىسى يوق، مەن تېخى ياش ئەمەسمۇ!» دېدى رەيىمە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ