مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2023.08.28 15:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇرچ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ۋەزنى ئېغىر، ئۇ بۈيۈك ئىرادە تىكلىشىمىزگە ئىلھام بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، چەكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

  شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 2 ـ قېتىملىق، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كۆپ قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

  مۇھەببەت رىشتىسىنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈش؛ چوڭقۇر غەمخورلۇقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  «ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بىز ھەسسىلەپ روھلاندۇق، چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 ـ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لو خۇ بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئۆگەندى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىمىز. باشتىن ـ ئاخىر «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرىنى خىزمەتنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغدايمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت ـ تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئۆگىنىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ نەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز.

  «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز» دېدى لۇ نەن.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچلۇقى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  «باشتىن ـ ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئىزاھلاپ بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى لى فېي مۇنداق بىلدۈردى: بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ جيەن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  «بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىگە سىڭدۈرىمىز. بولۇپمۇ يەرلىك نىزام چىقىرىشتا، ئالدى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ـ بولماسلىقنى ئويلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەت، دىن، تاشقى ئىشلار، خۇاچياۋلار خىزمىتى كومىتېتى قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ كې.

  «مەدەنىيەت يادىكارلىقى ـ مۇزېي خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مۇزېيى مۇزېيدىكى «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»، دۆلەت مۇزېيى زالى، گۇگۇڭ سارىيى زالىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىدۇ.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە توغرا كەلدى، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ليۇ شىپىڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدىكى تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىنىڭ «كوردىنات سىستېمىسى» ۋە «يۆنىلىش دىياگراممىسى»نى توغرا تېپىپ، تەبىئىي بايلىقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز.

  شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق دېدى: بىز مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىدە سىجىل كۈچەپ، كۆمۈر ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدە كەسىپ ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆمۈر كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، يېشىللىشىش، كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ تۇڭجىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلق تۇرمۇشى، مائارىپ، داۋالاش ساھەسىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيمىز، سىجىل كۈچەيمىز، بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ بىڭچىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىزمەت كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى گاۋ شيەنگۇي مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشقا خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى. بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك.

  چۆچەك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چىڭياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ـ ئاممىۋى پىكىرنى داۋاملىق زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جانلىق، تەسىرلىك شىنجاڭ ھېكايىلىرى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش غەيرىتىنى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ