ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، بازار تەمىناتى ۋە مال باھاسى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز ھاراق، ئىچىملىك، توڭلىتىلغان يېمەكلىك، گۆش تۈرىدىكى يېڭى يېمەكلىك قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم سودىگەرلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىكلەر (گۇرۇھى) تەمىنات زەنجىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش مەركىزى ھەم يېمەكلىك كۆرگەزمە رايونىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن تەييارلانغان كۆكتات سۈپەتلىك ماركىسىنى زورايتىپ، داڭقىنى چىقىرىپ، «ساياھەت +» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىش كېرەك. لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ چياڭدۇ تيەنباۋ قويچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باشلامچى كارخانىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.
جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلار چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي خېڭخۇي داۋالاش سەھىيە ماتېرىياللىرى پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئېھتىياجى، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. كورلا شەھىرىدە، ئەركىن تۇنىياز يەنە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم دەريا يولىنى تۈزەش ئەھۋالى ۋە شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئېكولوگىيە، مەنزىرە كۆرۈش، سۇ ساقلاش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق «ئېكولوگىيە كارىدورى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ نىشانلىق ئوق ئېتىپ خاس، ئەۋزەل پەنلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان داشۆنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە پاكىز ئېكولوگىيەگە بولغان تەخىرسىز ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، بازار تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاۋار تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، مال باھاسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تىجارەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.