مۇھىم خەۋەرلەر

ئۇلار 0:9 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2023.08.15 01:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، 3-نۆۋەتلىك 2034 لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سۇجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ «جۇڭگو پۇتبولچىلىرى» كوماندىسى ۋە «شىنجاڭ ئارزۇغا باشلىغۇچىلار كوماندىسى» بولۇپ، شىنجاڭلىق كىچىك توپچىلار 0:9 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بالىلار يامغۇردا ئەپسۇسلىنارلىق ياش تۆكتى.

  مەملىكەت بويىچە پۇتبول ماھىرلىرى قاتناشقان بۇ مۇسابىقىدە، ھەر بىر گۆدەك قەلب پۇتبول ئارزۇسىنى نامايان قىلىش سەھنىسىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. «شىنجاڭ ئارزۇغا باشلىغۇچىلار كوماندىسى» دىكى كىچىك توپچىلار چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاز كەچمىدى. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ قوغلاپ، قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  كۆز يېشى بىلەن يامغۇر سۈيى ئارىلىشىپ كەتتى.

  كىچىك توپچىلارنىڭ كۆزىدە تىز پۈكمەس قەيسەرلىك يوشۇرۇنغان ئىدى.

  «يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىك» دەل پۇتبول روھى ئىدى.

  چۈشكۈنلىشىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىشكە تېگىشلىك پەيتتە، ئۇلار ئويلاپ باقمىغان تەسەللىگە ئېرىشتى.

  «شىنجاڭ غەيرەت قىل! شىنجاڭ غەيرەت قىل! شىنجاڭ غەيرەت قىل!»

  توپ مەيدانىدا، ھەر تەرەپتىن كەلگەن سادالار بۇ ياش كوماندىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، بالىلار قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سادالىرىغا چۆمدى.

  بۇ پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىشى ئەمەس.

  ئالتە يىل ئىلگىرى، شىنجاڭلىق ئابدۇللا خالىق خەلقئارا پۇتبول چولپىنى مېسسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

  توپ تېپىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇللا خالىق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان يىلى، بىر يۈەن بىر يۈەندىن ئۆزىنىڭ پارچە پۇللىرىنى يىغدى.

  ئۇ قېلىن بىر تۇتام يىغقاندىن كېيىن، پۇلنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ياخشىراق پۇتبولدىن بىرنى سېتىۋېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.

  مۇئەللىم بۇ ئىشنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ «بەك تەسىرلەندىم، مۇشۇنداق پۇتبولنى سۆيىدىغان بالىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا قىزىپ كەتتى.

  چېگرا رايوندىكى كىچىك شەھەردىن كەلگەن پۇتبول ئىشقى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  ئابدۇللا خالىق ئىزچىل مېسسىنىڭ مەستانىسى ئىدى. 2017-يىلى، مېسسى جۇڭگوغا كەلدى، ئابدۇللا خالىق ئاخىرى ئۇنى كۆردى.

  مېسسى يەنە ئۇنىڭغا ئىمزالىق توپ كىيىمى سوۋغا قىلدى.

  ئابدۇللا خالىق «مېسسىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇمۇ كىچىك ۋاقتىدا ماڭا ئوخشاشلا بەك پاكار ھەم ئورۇق ئىدى، لېكىن مېسسى مەيداندا ھامان پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشاتتى» دېدى.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، شىنجاڭلىق توپچى نۇرمەمەت شېرىپنىڭ ئېتىزلىقتىن يېشىل توپ مەيدانىغا كېلىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ تېپىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېكايىسى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، نۇرمەمەت شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ، كەسپىي توپچى بولۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇلار بۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىدى.

  ئارزۇسىدا چىڭ تۇرغان نۇرمەمەت تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى، لېكىن ئۈچ نومۇر پەرق بىلەن ئارزۇ قىلغان مەكتىپىگە ئۆتەلمىدى.

  ئامالسىزلىقتىن، نۇرمەمەت قەشقەر تېخنىكا شۆيۈەنىدە شىنجاڭ قورۇمىلىرى ئاشپەزلىك كەسپىدە ئوقۇدى.

  پۇتبول ئارزۇسىدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كېچىشنى خالىمىغان نۇرمەمەت دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش»كە باشلىدى.

  ئوچۇقچىلىق ئۇنىڭ مەشىق مەيدانى ئىدى، ياغاچ قوزۇق، خىش، كىرلىك، ھويلا تېمى، ئەسكى بالون، موتوسىكلىت دېگەندەك ئۆيىدە تاپقىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پۇتبول ماھارىتىنى مەشىق قىلىشتىكى ئۆزگىچە قورالى ئىدى.

  چوڭ-كىچىك قىيىنچىلىقلار نۇرنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىنى توسۇپ قالالمايتتى.

  ئۇلار 0:9 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، نېمىشقا پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ؟

  چۈنكىك ئۇنىڭ كەينىدە دەل مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان ئىشەنچ بار.

  بەلكىم ئەمەلىي كۈچ پەرقىنى تىرىشچانلىق ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

  ھېچ بولمىغاندا بىز تىرىشىپ باقتۇق، سىناپ باقتۇق، ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز.

  ئۇتتۇرۇپ قويغان نەتىجە بىلەن جان تىكىپ تىرىشىشنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

  ياشلىق باھارىمىزنى ئەسلىگىنىمىزدە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى، ئايىماي پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقارغانلىقىمىزدىن پۇشايمان قىلماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  100 قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، 100 قېتىم مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا 101-قېتىم ھۇجۇم قىلىش روھى بولۇشى كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ