مۇھىم خەۋەرلەر

ھەقىقىي شىنجاڭ زادى قانداق؟ چەت ئەل ئەلچىلىرى جاۋابىنى تاپتى

2023.08.15 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن شىنجاڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن» دېدى يېقىندا دومىنىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن چارلىز قىيمىغان ھالدا تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا. بەش كۈن ئىچىدە ئۇ 24 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باشقا ئەلچىلىرى بىلەن بىللە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر، كۇچا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى. «مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن»، «كىشىلەر ئىنتايىن قىزغىنكەن»، «ئىقتىسادى ناھايىتى جانلىنىپتۇ»، «ھەر بىر بېكەت كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن» دېدى ئۇ... سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن ئەلچىلەر مۇخبىرغا شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلار: «كىشىلەر كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك ئىكەن» دېيىشتى.

  مارتىن چارلىزغا ئوخشاش، نۇرغۇن ئەلچىلەر تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇلار يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئائىت نۇرغۇن سەلبىي خەۋەرلىرىدىن گۇمانلىنىپ «ئەجەبا ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىمۇ؟» دەپ سوراشقان ئىدى. بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئۇلار 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە شىنجاڭنى ئىچكىرىلەپ زىيارەت قىلىپ جاۋاب ئىزدىدى.

  زىيارەت ئۆمىكىنىڭ مۇساپىسى مول بولۇپ، قۇرۇلۇش تۈرى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، قەدىمىي شەھەر كونا كوچىسى، ياسىمىچىلىق كارخانىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. «بىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك تۈرى، ئەركىن سودا رايونى، ئايرودروم، ساياھەت، مەدەنىيەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ يەردىكى خەلق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇق» دېدى نىكاراگۇئانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كامبېل، ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئاممىنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى تولۇق قوغدالغان، «بۇ غەرب تاراتقۇلىرى كۆپتۈرگەن ئاتالمىش <كىشىلىك ھوقۇق> مەسىلىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ».

  ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكتە زامانىۋى سۇغىرىش تورى بەرپا قىلىنغانلىقىنى، شۇ جاينىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق پاختا مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆردى، «ئۇلار يەنە زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى ئىشلىتىدىكەن، مەسىلەن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدىكەن» دېدى بەختىيار. ئەلچىلەر بەس-بەستە: بۇ غەرب تاراتقۇلىرى كۆپتۈرگەن ئاتالمىش <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش>قا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، چۈنكى شىنجاڭدا بۇرۇنلا ئەڭ ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىپتۇ، دېيىشتى. مارتىن چارلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى چوقۇم دۇنياغا نامايان قىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەتكە غەرب تارقاتقان ئۇچۇرلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك».

  جۇڭگودا، كۆز بىلەن كۆرگەن راست، دەيدىغان گەپ بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىكى تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىنىي زاتلار ۋە مۇخبىرلار شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. گىۋىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى كابا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭنى «ئالۋاستىلاشتۇرۇشى» سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاشنى نىشانلىغان، «ئۇلار پەقەت دۇنياغا ئۆزى كۆرسەتمەكچى بولغان جۇڭگونى تەسۋىرلەيدۇ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ» دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ