مۇھىم خەۋەرلەر

مىسىر تاراتقۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى جەزبدار شىنجاڭغا ئالقىش ياڭراتتى

___ «جۇڭگوغا يەنە كەلسەك بىرىنچى بېكەتكە يەنە شىنجاڭنى تاللايمىز»

2023.08.15 01:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، مىسىر تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 15 كىشى شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. ئۈچ كۈندە، تاراتقۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى كارخانا، مەنزىرە رايونى، مەسچىت ۋە پىلانلاش سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، كەينى-كەينىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇكانلارنى كۆردى، مىسىر «قاھىرەدىكى 24 سائەت» تورىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەد سەھۇلى ھېلىدىن-ھېلىغا يانفونىدا سۈرەتكە تارتاتتى. «بۇ يەردىكى خەلق ئىناق ئۆتىدىكەن، كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن، بۇ يەردە ئۆزۈمنى خۇددى ئۆيۈمدىكىدەك ئازادە، خۇشال ھېس قىلدىم» دېدى مۇھەممەت.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، تاراتقۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  مىسىر ئاخبارات باش مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلمۇئەت ئابدۇلزادە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، زىيارەت ئارقىلىق بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقى ۋە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ، بەزى غەرب دۆلەتلىرى ۋە غەرب تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغان مەزمۇنغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، پاكىت ئەڭ ياخشى ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.

  زىيارەت ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، تاراتقۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت، مىللەت، دىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىردەك: زىيارەت داۋامىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە تونۇشتۇرغان ئەھۋاللار ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.

  ئابدۇلمۇئەت مۇنداق دېدى: «بىز گېزىت، تور بېكەت قاتارلىق سۇپىلىرىمىزدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ