8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11 دە، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ خىمىيە سانائىتى قاتتىق مەھسۇلاتلىرى ئامبىرىدا 180 توننىغا يېقىن يۇقىرى تېخنىكىلىق خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان پويىز ئاستا-ئاستا غەربكە قاراپ يولغا چىقىپ، مەنزىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا قاراپ ماڭدى، بۇ جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توشۇشى.
جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە تارقىتىلدى. چېن سىۋېن فوتوسى
ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىچىدىكى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ئېكسپورت كەسپى ئۈچىنچى تەرەپكە ھاۋالە قىلىنىپ بېجىرىلەتتى، بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن بەلكى سېتىش يوللىرىنى چەكلەپ قوياتتى، شۇڭا باھا جەھەتتە كورىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شۇ جايغا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلەشكىلى، ئومۇميۈزلۈك سېتىش يولى ئاچقىلى بولمايتتى.
بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ جۇڭگو نېفىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى خەلقارا كەسپىي شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى غەربىي شىمال خىمىيە سانائىتى سېتىش شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇن خەلقارا بىرلەشمە تىرانسپورت پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ تاموژنىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پائال ماسلىشىشى ئارقىسىدا بىۋاسىتە بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ بارلىق تەرتىپىنى راۋانلاشتۇردى.
بۇ قېتىم يەتكۈزۈلىدىغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى پولىئېتىلېنلىق سىمولا مەھسۇلاتى بولۇپ، پويىز ئارقىلىق 7 كۈن ئەتراپىدا يول يۈرۈپ مەنزىلگە يېتىپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن، نۆۋەتتە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەلقئارالاشقان تىجارەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ ئالاھىدە رايون خاراكتېرلىك، كەسىپلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى مەھسۇلاتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن زىچ ماسلىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ «سىرتقا چىقىرىش» يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى