مۇھىم خەۋەرلەر

توقسۇدىكى «سەي چىلىغۇچى ھەدە» يۇرتىنىڭ مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلىرىنى ئۆز جايىدا بايلىققا ئايلاندۇردى

2023.08.14 10:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ئامىنەم ھەدەم تولىمۇ قالتىس، ئۇ كەنتىمىزدىكى ئېتىزغا تېرىلغان لازا، خاڭگا، ليەنخۇابەي قاتارلىق كۆكتاتلار، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈجمە قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېيىشلىك ھەم بازارلىق ئېسىل يېمەكلىككە ئايلاندۇرالايدۇ. بىز ئۇنىڭغا تولىمۇ قايىل، ئۇ بىزنىڭ توقسۇ ناھىيەمىزدىكى <سەي چىلىغۇچى ھەدە>.» 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىدە توقسۇ قۇتلۇق بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنەم كېرەم تىلغا ئېلىنغاندا، كەنت ئاھالىسى ئابلەت ھامىت ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ماختىدى.

  تومۇز كۈنلىرى، 45 ياشلىق ئامىنەم ئىسسىققا قارىماي گاھىدا ئېتىزغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ سەي تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلسا، گاھىدا سېختا ئىشچىلارنى يېتەكلەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە چىلىغان سەي ۋە كونسېرۋالارنى پىششىقلاپ ئوراپ قاچىلايتتى، ياكى تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۆيىدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى سىناپ ياساپ باقاتتى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىركەتنىڭ 40تىن ئارتۇق خىزمەتچىسى چىلىغان سەي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساش ماھىرى بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن قاراتاش كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 3000 مودىن ئارتۇق يەردىكى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ ئۆز جايىدا «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئامىنەمنىڭ كۈندە توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن يېزىغا قاتناپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قاراتاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەزىز تۇرسۇن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئامىنەمنىڭ ئەسلىدە ناھىيە بازىرىدا مۇقىم خىزمىتى بار ئىدى، ئۇ ئىستېپا بېرىپ يېزىغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە بەل باغلاپ، دېھقانلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى، كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا بەك قايىل».

  ئامىنەم ئەسلىدە توقسۇ ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ كاسسىرى بولۇپ، ئېرى دۆلەت مەمۇرى، ئاتا - ئانىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئىككى بالىسى ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ، ئائىلىسىگە بەك كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئاكىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى تەتقىق قىلىدۇ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان مەزگىلدە چىلىغان سەي ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. ئاكىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسپىي چىلىغان سەي پىششىقلاش تېخنىكىسى يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش تەكلىپى بەردى.

  چىلىغان سەي قارىماققا بىر خىل ئاددىي قوشۇمچە يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يېيىشلىك، تەملىك قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈرۈش ئاسان ئەمەس. 2013 - يىلى 7 - ئايدا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن باشلاپ، ئامىنەم ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىلگىرى يىغقان بارلىق پۇللىرىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بازار ئاچالمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ھەم توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ مەبلەغ توپلاپ ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر ئاددىي سەي چىلاشنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خاس كەسپىگە ئايلاندۇردى.

  2022 - يىلى، توقسۇ قۇتلۇق بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتى چىلىغان سەيدىن 300 توننا ساتتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدىكى تاللا بازارلىرىدا ئۇلارنىڭ چىلىغان سېيى بار. ئامىنەم بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق كۆپلىگەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى - ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چىلىغان سەي، خۇش پۇراق ئاچچىقسۇ، مېۋە كونسېرۋاسى قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر شىركىتىمىز مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش، ئوراپ قاچىلاش، ساقلاش - توشۇش، پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كارخانا بولۇپ قالدى، مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ تېز تەرەققىي قىلىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ