7-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2022-يىللىق شىنجاڭ «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، 1 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 9 ئىلغار شەخس باھالاپ چىقىلدى.
شىنجاڭ «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» ئىلغار كوللېكتىپ:
قۇمۇل شەھەرلىك ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت جەمئىيىتى
شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» ئىلغار شەخس:
ئابدۇرېھىم قۇلان، لى جىنلۈن، جاڭ جيەنپىڭ، خې يۇڭجۈن، خې ياڭ، جيا جىنجيې، شۈ تاۋ، زى گۇيشىن، جادرال خابۇل
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2022-يىللىق شىنجاڭ «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا، 1 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 9 ئىلغار شەخس سەھنىگە چىقىپ تەقدىرلەندى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى
بۇنىڭ ئىچىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشلامچىلىرى بار، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى ئويلايدىغان مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىلىرى بار، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بار، يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر بار، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ مەۋقەنى ھەرقايسى ساھەلەرگە قويۇپ، يېڭى دەۋر ياراتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ