شى جىنپىڭ چېڭدۇ 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىر قاتار تاشقى ئىشلار پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ

2023.07.25 22:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە چېڭدۇ 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، جۇڭگوغا كېلىپ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ھەم زىيارەتتە بولىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ۋە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  جۇڭگوغا كېلىپ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ھەم زىيارەتتە بولىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىدىن: ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوكو، ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى غازۋانى، بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې، گىۋىيانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى گارىباشۋىلى، فىجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى لامبكا بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ