شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى پۇختا كېڭەيتىش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.07.25 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جېنى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى پۇختا كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.


  يىغىندا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى (مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى)، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋە شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سىجىل تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى جەھەتتە قەرز يەنە نۇرغۇن. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋەزىپىسى يېنىكلىگىنى يوق، بەلكى تېخىمۇ مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ. جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم، زور تەلەپلەرنى ياخشى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن قەتئىي بۆسۈپ ئۆتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تېرىلغۇ يەرنى، بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق زامانىۋىلاشقان مۇنبەت ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل تۈردىكى تېرىلغۇ يەر ئىگىلەشنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، «تولۇقلىنىدىغان يەرگە قاراپ ئىگىلىنىدىغان يەرنى بېكىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تولۇقلىنىدىغان تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دېھقانلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئاشلىق تېرىش، ئاشلىقنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا قارىتا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى ياخشى تېرىش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. تۈرلۈك غەيرىي ئەنئەنىۋى تېرىلغۇ يەر بايلىقىنى پائال ئېچىپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىلغۇ يەر كەمچىل بولۇشتەك تەبىئىي شارائىت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىشكە قارىتا تۈزىتىش، تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ھالدا ئۆتكۈنچى مەزگىل قالدۇرۇپ، تەرتىپلىك، تەدرىجىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەرەپ، دۆلىتىمىزدە شورلۇق يەر كۆپ، بىر قىسىم رايونلاردا تېرىلغۇ يەرنىڭ شورلىشىش يۈزلىنىشى ئېغىر، شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ھازىر بار بولغان شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ شورلىشىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، شورلۇق يەر خاس يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. شورلۇق يەر بايلىقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاشنى رايونغا، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ شورلۇق يەرلەردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك شورلۇق يەر بايلىقىدىن يېمەكلىك ئېلىپ، «تېرىشقا ماس كېلىدىغان يەر» بىلەن «يەرگە ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق»نى بىرلەشتۈرۈپ، شورغا چىداملىق ئۆزگىچە سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سۇ مەنبەسى، مەبلەغ قاتارلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.


  يىغىندا «شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.


  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


  مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ