شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.07.21 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىز بېيجىڭدا سەمىمىي كۆرۈشۈپ ھەم كۆپ قېتىم ئۆزئارا خەت ۋە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق يىلى يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جانلىق، ياخشى ئۆتكۈزۈلدى. مەن جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ سىخامونى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.


  سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، «جانجىگەر» دوستلۇق ئورناتتى. يېڭى ۋەزىيەتتە، كامبودژا ـ جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ مۇقەررەر ھالدا سىجىل مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقىنىڭ مۇقەررەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ۋە جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق يىلى، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. مەن باش ۋەزىر خۇڭسېن بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو ـ كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.


  خۇڭسېن مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم، زور تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كامبودژا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ