ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

​شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى  لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.07.25 22:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىتىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى فەن جيې ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىغا تامامەن قوشۇلدى ھەم يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، توردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىش، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىيوتېببىي دورا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىق بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇش، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى. بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقاردى، خەلق ئىگىلىكى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمىدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، ياسىمىچىلىقتىكى نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە ياردەملىشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىشى كېرەك.

  شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، لى يۆفېڭ، فاڭ گۇاڭخۇا، ياڭ ۋېنلياڭ قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ