لى چياڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببونى بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.24 00:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببونى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، سەمىمىي ھەمكارلىشىدىغان ياخشى ھەمراھلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، دۆلەتلەر ئالاقىسىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى بىرلىكتە تۈزدى. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئالجىرىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئالجىرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئالەم قاتنىشى سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك؛ سەھىيە، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-ئالجىرىيە ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  تېببونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئالجىرىيەنىڭ ياخشى دوستى، ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قوللايدۇ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، ئالجىرىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ئالجىرىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، قېزىلما بايلىق، بىناكارلىق، سانائەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالجىرىيە-جۇڭگو، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىستىقبال ئېچىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ