شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى، دىڭ شۆشياڭ سۆز قىلدى

2023.07.21 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى


  مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزگىل، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.


  لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى يىغىنغا قاتناشتى. دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.


  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ، بىر قاتار ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، ئىرادىمىزنىڭ زورلۇقى، سالمىقىمىزنىڭ زورلۇقى، نەتىجىلىرىمىزنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەم تاشلاندى. بىز گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق تۈزەشتىن سىستېمىلىق تۈزەشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ قاراشنى ئۆزگەرتىش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، يەرشارىۋى مۇھىتنى تۈزەشكە قاتناشقۇچىدىن يېتەكلىگۈچىگە ئايلىنىشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى، تۈمەن چاقىرىملىق تاغ - دەريالىرى تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولدى. يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشتىكى روشەن بەلگىگە ئايلاندى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك، مەنبە خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بېسىم تېخى تۈپتىن تۈگىتىلمىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يەنىلا بېسىم ئۈستىلەنگەن، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يېڭى مۇساپىدىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىرنەچچە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتتىكى بايلىق مۇھىت بەدىلىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ماسلىشىپ تۈزەشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەت بىلەن زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىللە، نىشاننى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە بولغان قوغداش - تۈزەش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاسىتىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، شارائىتقا، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايون، تۈرلەرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. تۆتىنچى، تاشقى چەكلىمە بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىدە، باشتىن - ئاخىر ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق تاشقى بېسىمنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق قوغداشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بەشىنچى، «قوش كاربون» ۋەدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، بىز ۋەدە قىلغان «قوش كاربون» نىشانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمىز، بىراق بۇ نىشانغا يېتىش يولى ۋە ئۇسۇلى، رىتىمى ۋە سالمىقىغا چوقۇم شۇنداقلا جەزمەن ئۆزىمىز ئىگە بولۇشىمىز، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سالماقنى ساقلاپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولغان ئېكولوگىيە بوشلۇقى قالدۇرۇش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش «N+1» سىياسەت سىستېمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ھەقىقىي قوغداپ، بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان تەبىئىي مۇھىت ۋە شارائىتنىڭ تەھدىت ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق، بازار، پەن - تېخنىكا، سىياسەتتىن ئىبارەت «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت، بايلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئۈستى بىلەن يەر ئاستى، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بىرتۇتاش پىلانلانغان، رايونلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىساد سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە جەھەتتىن قوللاش، باج سىياسىتى جەھەتتىن قوللاش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، باھا سىياسىتى جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى قاتارلىق بايلىق، مۇھىت مۇھىم ئامىللىرىنى مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىگە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كىرگۈزۈپ، سېتىپ بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇش، پاي قوشۇش قاتارلىق بازار سودا ھەرىكىتىنى قوللاپ، مۇھىت قوغداش ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇھىت تۈزەش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇھىت قوغداش كەسپى ۋە مۇھىت مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەش قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ ئۇل تەتقىقاتى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى نۇقتىلىق ساھە قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم، زور ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بويىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو رەقەملىك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل، ئاقىل رەقەملىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يەرلىكتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق ئايرىلغان، ھالقىمۇ ھالقا باغلانغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلىشىش ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


  لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، بولۇپمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەر چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىش يېتەكچىلىكى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.


  دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئۇزاققىچە ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ بېكىتىلگەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋۋال يېڭىسىنى تىكلەش، ئاندىن كونىسىنى قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى دائىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرەك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


  ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جېجياڭ ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.


  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ