جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.07.25 22:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىدى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىدى، خەلق ئىگىلىكى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش، ياخشىلىنىش بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئەۋزەللىكلەر تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلدى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، بەزى كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى بىرقەدەر كۆپ، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلغان، ئەگرى - توقاي ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر جەريان بولدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىتىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسەت بوشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۈچەش يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى دەل جايىدا، كۈچلۈك يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. كاپىتال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئاخىرقى ئۇچ ئېھتىياجى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەمىناتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە - ئىستىراھەت، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم، راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، تېخىمۇ كۆپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قەتئىي تۈزەپ، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. كارخانىلار بىلەن دائىملاشقان ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىشقا، مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىشقا، خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پائال تۈردە بازار ئېچىش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە ئەركىن سودا پورتىنىڭ خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويۇشىغا، ئالدىن سىناق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلىتىمىز ئۆي - زېمىن بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە يۈزبەرگەن مۇھىم، زور ئۆزگىرىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆي - زېمىن سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالدا تەڭ پايدىلىنىدىغان» ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىكار تۇرغان تۈرلۈك ئۆي - مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەرزنى تۈگىتىدىغان بىر يۈرۈش لايىھەنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشىگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يازلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ماھىر بولغان مۇنەۋۋەر كادىرلارنى كارامىتىنى كۆرسىتىش، كۆپرەك تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ