ۋاڭ خۇنىڭ ۋيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دۇ ۋېنجەن بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.24 00:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دۇ ۋېنجەن بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ۋىيېتنام ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  دۇ ۋېنجەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى تاشقى سىياسەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ