شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.25 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دوكتور كېسىنگىر، سىز 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئەمدىلا ئۆتكۈزدىڭىز، جۇڭگونى 100 نەچچە قېتىم زىيارەت قىلدىڭىز. بۇ ئىككى «100» قوشۇلۇپ، سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىڭىزنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى. 52 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئاچقۇچلۇق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، رەئىس ماۋ زېدۇڭ، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي زۇڭتۇڭ نىكسون ۋە سىز بىلەن ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك نەزەردە، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت توغرا تاللاشنى چىقىرىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاپ، ھەم ئىككى دۆلەتكە بەخت ياراتتىڭلار ھەم دۇنيانى ئۆزگەرتتىڭلار. جۇڭگولۇقلار دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز قەدىناس دوستلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، سىزنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمىز.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىر قېتىم تاللىشىغا توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تامامەن ئۆزئارا ئۇتۇق قازىنالايدۇ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ، ئاچقۇچ − ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشتا. مۇشۇ ئاساستا، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، بۇ ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ. سىز ۋە ئامېرىكىدىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  كېسىنگىر مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا جۇڭگو تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىنىڭ 5 - نومۇرلۇق بىناسىنى تاللاپ مەن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، «شاڭخەي ئاخباراتى»دا بېكىتىلگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەن ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.


  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ