شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.19 16:04 مەنبە: خەلق تورى

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغان مەزگىلدە، خەلققە مەسئۇل بولۇش، تارىخقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتى توغرا يولغا قايتتى ھەم جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سىز ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوخشاشلا ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى قوشنىلار ئىناق، دوستانە ئۆتىدىغان ئەتراپ مۇھىتىدا يىلتىز تارتقان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتا ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىلىپپىن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سىزنىڭ داۋاملىق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم رولىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇتېرت مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ فىلىپپىننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئوچۇق قوللۇق بىلەن بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا كۆپ ساندىكى فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئارزۇسى. مەن داۋاملىق فىلىپپىن - جۇڭگو دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمەن.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ