جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CA9661 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 25-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ خوتەن كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ بېيجىڭدىن خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
CA9661 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان خوتەن كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا ئاستا قوندى
جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە قوش يۆنىلىشتە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان بىۋاسىتە قاتنايدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن خوتەنگە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى جايدا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغان ھالەتتىن بەش سائەتتەك ۋاقىتقا قىسقىرايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۈنسېرى كۆپەيدى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 10 مىليون 890 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، 6 مىليارد 765 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان، ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى بىردەك %60 تىن يۇقىرى بولغان، ساياھەت بازىرىدا تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ