مۇھىم خەۋەرلەر

7- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ!

2023.07.05 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككى كۈن ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ يەر شارى بايلىق ئامىللىرىنى توپلاش ئىقتىدارى ۋە ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى غەربكە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ۋە ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت يۆتكەپ توشۇش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچتى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  مۇنبەردە «ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت جەمئىيىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. شۇ چاغدا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ئايرودۇرۇملار، ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلىرىدىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق مېھمان تىيانشان ئېتىكىگە جەم بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ۋە يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپى ھەمكارلىقى بويىچە مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  6-ئاينىڭ 23-كۈنى ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ئايروپىلان. سەي جىخاۋ فوتوسى

  نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا جەمئىي 206 قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسى 14، دۆلەت ئىچى يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسى 190، دۆلەت ئىچى يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى ئىككى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن چەت ئەلدىكى 13 شەھەر، ئىچكىرىدىكى 70 شەھەر ( شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 22 شەھەرگە قاتناشقا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ