شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى

2023.06.30 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  سەي چى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، لى شى يىغىنغا قاتناشتى

  ■ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەم ئۇنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى

  ■ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ قىلىپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنى پۈتۈن كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تۈپ بۇرچ قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلات سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇشقا كۈچەپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نەمۇنىلىك تارماق ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەم ئۇنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ قىلىپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنى پۈتۈن كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تۈپ بۇرچ قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلات سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇشقا كۈچەپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نەمۇنىلىك تارماق ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  پات ئارىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى.

  مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 29 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا قاتناشتى.

  سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ۋە ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋامىدا فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى تىرىشىپ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى نەمۇنىلىك تارماق بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى گەنجيې خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، تيەنجىن داشۆدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  لى شۇلېي، ليۇ جىنگو، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ