پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.07.05 00:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا 45-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا پايتەخت يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم بېيجىڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، «قانداق پايتەخت قۇرۇش، پايتەختنى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى مۇساپىدە پايتەختنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بېيجىڭنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانى، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى تىزگىنلەش پىلانى، يادرولۇق رايوننى تىزگىنلەش پىلانى قاتارلىق مۇھىم پىلانلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، جەزمەن مىخ قېقىش روھى بىلەن يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى قەتئىي تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى فۇنكسىيەسىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رايوننى تىزگىنلەش، پىلانلاش ھەرىكەت پىلانىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پايتەختنىڭ يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك. پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتى ئۆتكەلنى ئىگىلەش، مۇھىم نۇقتىنى باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پايتەخت يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەزا ئورۇنلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار پىلاننى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، پىلاننى يولغا قويۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتى ئىشخانىسى پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا بولغان ھەيدەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا چوڭ-چوڭ ئىشلارغا يولۇققاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراپ، دوكلات قىلىپ، يىرىك پىلاننىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  يىغىندا «پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2023-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»، «پايتەخت فۇنكسىيەلىك يادرولۇق رايونىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلانىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يىن لى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پايتەخت پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، ئالاقىچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ