شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا خەنشۇناسلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.07.05 09:10 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا خەنشۇناسلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە بەلگىگە ئىگە بولغان مەدەنىيلىكنى ياراتتى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى باراۋەر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەتنىڭ دەۋر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك مەنىۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەدەنىيلىكتە سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەنشۇناسلارنىڭ جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيلىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتى جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  3 - نۆۋەتلىك مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا خەنشۇناسلار يىغىنىنى جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، ئۇنىڭ باش تېمىسى «يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقايلى».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ