لى چياڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى خىپكىنىس، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۇن ئەردەنە بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.07.03 00:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى خىپكىنىس بىلەن سۆھبەتلەشتى

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل جۇڭگو بىلەن غەرب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، تارىخىي مەدەنىيەت، تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا كىشىلەر ئارىسىدىكى توغرا يول. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودا سېلىنمىسىنىڭ «يېڭى پەللە»گە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، ئىجادىي كەسىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ، گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى»نى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئەركىن سودىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى قوللاپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ «يېڭى بوشلۇق»ىنى كېڭەيتىشى كېرەك. مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ «يېڭى رىشتىسى»نى چىڭىتىشى لازىم.

  خىپكىنس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگو ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتىدىن ھاياجانلاندى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق كارخانىچىلار، ساياھەتچىلەر ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، كارانتىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خىپكىنسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

  خىپكىنس جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئېلان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۇن ئەردەنە بىلەن سۆھبەتلەشتى

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، بىر-بىرىنى مۇھىم قوشنا دۆلەت دەپ بىلىدۇ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ قۇرېلسۇخ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدى. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، موڭغۇلىيە بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

  ئويۇن ئەردەنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىپ، دوستانە ئۆتىدۇ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش موڭغۇلىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى. موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ «كەلگۈسى 2050-يىللىق ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات» سىياسىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەر شارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ئېغىزى، ئېنېرگىيە-كان، پەن-تېخنىكا، ساياھەت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇم تىزگىنلەش، شەھەر يىرىك پىلانى، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، موڭغۇلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى قاتناش، پۇل مۇئامىلە، كارانتىن، تاراتقۇ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئويۇن ئەردەنەنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئويۇن ئەردەنى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ