جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2023.07.03 00:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى، تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىك، كەسپىي سەۋىيە ۋە قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت، كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاۋ لېجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ناماياندىسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىكى تۇتقا، شۇنداقلا ئەلرايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاش جەريانى. قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنى ئاساسىي قاتلامغا يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇھىم قانۇن لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ۋە ئاۋازغا قويۇشقا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇش كېرەك. يىغىندىن بۇرۇن ۋەكىللەرنى قانۇن لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئالدىن تەشكىللەپ، قانۇن چىقىرىش ئارقا كۆرۈنۈشى، قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ۋەكىللەرگە ئۇقتۇرۇپ، يىغىندا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش، ئاۋازغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىش، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىشنى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 271 تەكلىپنىڭ 268 ى قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك؛ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە چېتىلىدۇ. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ توغرا، ئېنىق قارىشىنى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، قانۇن چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، لايىھە تەييارلاش، دەلىللەش، قاراپ چىقىش، باھالاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەكىللەرنى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتنىشىشى ئارقىلىق ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلگەن ۋە تۈزىتىلگەن قانۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە، ئۈنۈملۈك ئەسقېتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەت تەلىپى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئالاقىدار تەكلىپ، تەۋسىيە ۋە قاراپ چىقىش سۆزلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادىي پىكىرلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ