خەن جېڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.07.03 00:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇنەن چاڭشادا 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋىرا، تانزانىيە-زانزىبار زۇڭتۇڭى مۇۋەينيى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ باش كاتىپى مېنې ھەمدە 68 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىنى تەسىس قىلىش رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى تەستىقلىغان ئافرىقا بىلەن بولغان مۇھىم، زور ھەمكارلىق تەدبىرى. 2013-يىل 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىغا زىيارەتكە بارغاندا ئافرىقا سىياسىتى ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگو بىلەن ئافرىقا باشتىن-ئاخىر سەمىمىي دوستانە ئۆتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە بەخت ياراتتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ خىل خىرىس ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ، تەرەققىيات يولىدىكى ھاڭ ئۈزلۈكسىز زورايدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئورتاق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ قويۇق جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تۇتاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ياخشى سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، يېڭى دەۋردىكى گۈللىنىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

  باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، خەن جېڭ كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ