لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2023.06.30 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور خەۋپ - خەتەر ۋە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش - تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور خەۋپ - خەتەر ۋە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش - تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نىڭشيانىڭ يىنچۈەندە يۈزبەرگەن «21 - ئىيۇن» پەۋقۇلئاددە زور يېقىلغۇ گاز پارتلاش ھادىسىسىدە ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆپ بولدى، ئىجتىمائىي تەسىرى زور، ساۋىقى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور خەۋپ - خەتەر ۋە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، مۇھىتتىكى «قاتتىق نۇقسان»نى تەكشۈرۈپ، ھەم سۈنئىي ئامىلدىكى «ئاجىزلىق»نى تولۇقلاپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى، بىخەتەرلىك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېقىلغۇ گاز، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى مەنبەدىن تۆۋەنلىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەپ تۇرسىمۇ دائىم ساقلىنىش، ھادىسە يۈزبېرىشنى قايتا - قايتا چەكلەپ تۇرسىمۇ تۈگىمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. «بىر ئىش»نى چۆرىدەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارچىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، رەسمىيەتچىلىك قىلماي، قانۇن ئىجرا قىلىشتا «بوش، ئاددىي، يۇمشاق، مەۋھۇم» بولۇشنى توسۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بېسىمنى ئاساسىي قاتلامغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، تەكشۈرۈش - تۈزەشتە مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىغا چېتىلىدىغان ساھە كۆپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى زەنجىر ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ جانلاندۇرۇش ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، تۇرالغۇنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىش، كېرەكسىز، كونا ماددىي ئەشيالارنى يىغىۋېلىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەمىنات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ خاسلىققا ئىگە، زاكازلىق ئۆي جاھازلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: چەت ئەلدىكى خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت سىرتى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى، قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىنىپ، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ