خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭخۇا داشۆسىدە 11-نۆۋەتلىك دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى، برازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روسسېف، رۇسىيەنىڭ سابىق فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك مەجلىسىنىڭ كاتىپى ئىۋانوف، ھىندونېزىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىرايودا قاتارلىق چەت ئەلنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا رەئىس شى جىنپىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەر شارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشتى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلاپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك، مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. خەن جېڭ تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش لازىم. دېموكراتىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزگىچە گۈزەل، ئورتاق گۈزەل بولغان گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئىككىنچى، توقۇنۇشنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ تەسىر كۈچى بار چوڭ دۆلەتلەر بايرىقى روشەن ھالدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن يارىشىشقا نەسىھەت قىلىش، ياراشتۇرۇش، سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىش، سۆزلىشىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى پەسەيتىش، سۆزلىشىش ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لازىم. ئىشنىڭ ھەق-ناھەق، توغرا-خاتالىقىغا قاراپ مەيدان ۋە سىياسەتنى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى، كەڭ قورساق بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناشقان دۆلەت ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تەشەببۇسچىسى، قۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇپ، دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تىرىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان ۋە ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولىدىغان داغدام يولدا مېڭىپ، تىنچلىق ئوتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى