خەن جېڭ مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋىرا، تانزانىيە-زانزىبار زۇڭتۇڭى مۇۋەينيى بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.03 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ خۇنەن چاڭشادا 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋىرا، تانزانىيە-زانزىبار زۇڭتۇڭى مۇۋەينيى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ چاكۋىرا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالاۋى بىر-بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان تەرەققىيات ھەمراھى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ چاكۋىرانىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-مالاۋى مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو مالاۋىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، مالاۋى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مالاۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. مالاۋى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پائال پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  چاكۋىرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ مالاۋىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مالاۋى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ مۇۋەينيى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگونىڭ زانزىبار بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو-تانزانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-زانزىبار ھەمكارلىقىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، جۇڭگو-تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە تولۇقلىدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەن جېڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تانزانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  مۇۋەينيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تانزانىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تانزانىيە جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ