خەن جېڭ 3- نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا خەنزۇشۇناسلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى

2023.07.05 09:07 مەنبە: خەلق تورى

  7-ئاينىڭ 3-كۈنى، 3- نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا خەنزۇشۇناسلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مۇئاۋىن رەئىس خەن جېڭ مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىدىن كېيىن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى تەمىنلىگەن يەنە بىر مۇھىم ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆزلىشىش، كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئورتاق ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئورتاق مېڭىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك يۆنىلىشىگە يېتەكلەش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شەكلىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى، مەدەنىيەتتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىىمىز، شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ھالىتىنى سىزىپ چىقىمىز. دۇنيا سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، خەنزۇشۇناسلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا خەنزۇشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش ھەرىكىتى مەملىكەتلىك ئىجرائىيە شۇجىسى، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سارانگى، مالايسىيا دېموكراتىك ھەرىكىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چياڭيەن، ماۋرىتانىيە ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالاما، ب د ت مەدەنىيەت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موراتىنوس، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى فىلولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ ئاكادېمىكى ماكېلىن قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى، داڭلىق ئالىملىرى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە زاتلىرى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسىنى پائال قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ