مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى

2023.07.03 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا نەزەر. يىل ئىچىدىكى كەسىپلەرگە نەزەر.

  «بۇ يىل 1-ئايدىن 5- ئايغىچە، شىركەتنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپى كىرىمى 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشتى. پايدا-بېجى 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئاشتى.» 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يەر شەكلى كۆپ خىل، كىلىماتى ئالاھىدە بولۇپ، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان مول ۋە ئۆزگىچە بايلىق بارلىققا كەلگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ مودىن ئاشتى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا 28 بولۇپ، 158 خىل جۇڭگو تېبابىتى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسى سىجىل ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە چوڭ تۈرنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇپ، سېتىش كىرىمىنى يىلىغا %20لىك سۈرئەت بىلەن ئاشۇردى. سېتىشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلاش ئاساسىدا، بۇ يىل، بۇ شىركەت يەنە جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىنى ئاچىدۇ. يىن چياڭ: «ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، <14-بەش يىل>نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 2 مىليارد يۈەنلىك سېتىش نىشانىنى تاماملاشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار» دېدى.

  شىنجاڭ شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ئىشەنچكە تولدى. «1 - پەسىلدە، شىركىتىمىز ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92 ئاشتى.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىركىتىمىز توققۇز تۈرلۈك 49 خىل مەھسۇلات ئۆلچىمىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى مەھسۇلاتلىرىدا نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى تاماملىدى، سېتىش تورى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، شىركىتىمىز جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى سانائىتىنى ئاساسىي گەۋدە، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى سودىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى مەنبەدە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاخىرقى مەھسۇلات ئوبوروتىغىچە قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرنى بەرپا قىلىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ