شى جىنپىڭ «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.06.30 09:24 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «گۇلىڭ رىشتىسى» خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1992 ـ يىلى، مەن گاردنېر خانىمنى گۇلىڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسىنى تاماملىشىغا ياردەم بەرگەنىدىم. 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، «گۇلىڭ دوستلۇقى» ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلار گۇلىڭ تارىخىنى چوڭقۇر قېزىپ، گۇلىڭ مەدەنىيىتىنى پائال تارقىتىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «گۇلىڭ دوستلۇقى» ئەزالىرى يازغان خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، خەتتىن كۆپچىلىكنىڭ گۇلىڭ بىلەن بولغان تېخىمۇ كۆپ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بىلدىم. گۇلىڭنىڭ نۇرغۇن سۈرەتلىرىنى تارتقان 103 ياشلىق لىن ئېن ئەپەندى، «مەن جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن سۆيىمەن» دېگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرغان دوختۇر فۇ يىخۇا، جەسەت كۈلىنىڭ بىر قىسمىنى مىنجياڭ دەرياسىغا چېچىۋەتكەن مۇ ئەيرېن ئەپەندى... «گۇلىڭ دوستلۇقى»نىڭ كەچۈرمىشلىرى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈزۈم، مەدەنىيەت، تىلدىكى پەرقلەردىن تامامەن ھالقىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە خەلقلەر ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا باغلىق.» دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە باغلىق. كۆپچىلىكنىڭ گۇلىڭ ھېكايىسى ۋە گۇلىڭ رىشتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى گۇلىڭدىكى مىڭ يىللىق شەمشادقا ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گۇلىڭ ھېكايىسى − رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق ئالاقىسىغا ئۆزى تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ بىر داستانى. 1901 ـ يىلى يۆگەكتىكى ئامېرىكىلىق مىلتون گاردنېر ئاتا ـ ئانىسى بىلەن جۇڭگو فۇجوۋغا كېلىپ ياشىغان، 1911 ـ يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن. گاردنېر ئەپەندى ئىزچىل جۇڭگودىكى يۇرتىغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كۆرۈپ كېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق تاكى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. گاردنېر خانىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، ئاخىر ئېرى چەكسىز سېغىنغان يۇرتنىڭ دەل فۇجوۋدىكى گۇلىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەن. 1992 ـ يىلى ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۇلىڭ رىشتىنى بىلىپ، گاردنېر خانىمنى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. 2012 ـ يىلى ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكا دوستلۇق تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن چۈشلۈك قارشى ئېلىش زىياپىتىدە گۇلىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان.

  «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرى 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «دوستلۇق يالقۇنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، «گۇلىڭ دوستلۇقى»نىڭ قىسمەن ئەزالىرى قاتارلىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ