مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

2023.06.30 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى بېيجىڭدىكى 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار: شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭۋېيسى جېڭ شۈەن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ جېڭۋېيسى لىڭ خۇەنشىن.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئىككى ئوفىتسېر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان ئىككى ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ