14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى، تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

2023.06.30 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

  جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 ـ يىغىنى 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى، تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 6 ـ نومۇرلۇق، 7 ـ نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 164 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارارغا ئاساسەن، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى قىلىپ تەسىس قىلىندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەتلەر پوچتا ئىتتىپاقى تەشكىلىي قانۇنى 9 ـ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «ئۇچقۇ بۇلاش قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامىنىڭ تولۇقلىما كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2022 ـ يىللىق مەركەز نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2022 ـ يىللىق مەركەز نەق چوتى تەستىقلاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، گو جېنخۇا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ سۇڭ رۇي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى؛ يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى تەيىنلەندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى 6 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى 5 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىدىكى قىسمەن ئەزالار تەيىنلەندى ـ قالدۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى قىسمەن ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ياۋبىن «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ