شى جىنپىڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.28 09:40 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنى زىيارەتكە كېلىپ، بىرلىكتە جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتۇشقا تەكلىپ قىلدىم. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەپ قارايدۇ، بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. كۈنسېرى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بېغىشلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان يولداشلاردىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمراھلاردىن، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان دوستلاردىن. ئىككى تەرەپ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولى ۋە ئۆزىگە خاس زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاقىل تاموژنا، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ بازارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكا مەسىلىسىنى پان سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە ئۆز تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىنچ، مۇقىم بولغان تاشقى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  فەن مىڭجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە ۋىيېتنامنىڭ يېقىن دوستى، قوشنىسى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، ياخشى بولغان ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن - ئاخىر ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى. ۋىيېتنام تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنامغا بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن يولداشلارچە ھەم قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم، زور نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ ئىقتىسادىي مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشىغا يول قويماي، تەقدىرداش بولغان ۋىيېتنام - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ