مۇھىم خەۋەرلەر

ئەركىن سەلەي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

2023.07.03 00:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، توغرا يول ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئىرادە تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر توغرا ئەدەبىيات-سەنئەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى مەنبە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى، ئەركىن سەلەي رەئىسلىككە، دېڭ شۈەنبىن، شيۇڭ خۇڭجيۇ، كۇەي جېنمىڭ، جەزىرە نىغمەت، ئەلىجان ياقۇپ مۇئاۋىن رەئىسلىككە، دىلنار ئابدۇللا، باقىت مۇقەممەتقان، ئادىل ھوشۇر، پەن فېڭچىن، سەي شياۋرۇڭ، ليۇ لياڭچېڭ، جاڭ خۇڭلىن، زېڭ جيەن قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىسلىككە، لىن شىڭمېي باش كاتىپلىققا سايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ