شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كەڭ ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا تولۇق قوزغاش كېرەك

​سەي چى قاتناشتى

2023.06.27 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  ■ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  ■ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىدە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى ۋە سىياسىي روھى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلى تېخىمۇ ئاكتىپ، ساغلام يۈكسەلدى، كەڭ ياشلار توپىدىكى ئوبرازى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. ئۆتكەن بەش يىلدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى پائال قاتنىشىشقا، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشقا تەشكىللەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە كەڭ ياشلارغا تولۇق ئىشىنىدۇ

  ■ پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى ۋە يۆنىلىشى قىلىش كېرەك، بۇ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ بىر ئاساسىي تەجرىبىسى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، جۈملىدىن كەڭ ياشلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق داۋانلاردىن ئۆتۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كېلىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ياشلارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ ياشلارنى تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار دېگەن ياشلىق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت ئەترەت، زەربىدار ئەترەت بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك

  ■ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ياشلار غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان بولغاندىلا، جۇڭگو ياشلىرى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈمىدكە تولىدۇ. كەڭ ياشلارغا بولغان غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ياشلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي ئېقىمىدا توغرا كىشىلىك ھايات نىشانى تۇرغۇزۇپ، بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇل سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەگە ئۈزلۈكسىز ساغلام، ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭى قان يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارغا يۈزلەنگەن باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىلمىي ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك

  ■ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەڭ ياشلارنى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە تىرىشىپ باشلامچى ۋە جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ياشلىق غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىشقا تەشكىللىشى، سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك

  ■ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەش روشەن يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق كادىرلىرى پارتىيە ئۈچۈن ياشلار خىزمىتىنى ئىشلەشتەك قىممەتلىك پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، سىياسىي ئىقتىدارى، نەزەرىيە ساپاسى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى، ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى كېرەك

  ■ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ياشلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى تارماقلار ياشلار تەرەققىيات ئىشلىرىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قىزغىنلىق بىلەن ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىدە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى ۋە سىياسىي روھى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلى تېخىمۇ ئاكتىپ، ساغلام يۈكسەلدى، كەڭ ياشلار توپىدىكى ئوبرازى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. ئۆتكەن بەش يىلدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى پائال قاتنىشىشقا، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشقا تەشكىللەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە كەڭ ياشلارغا تولۇق ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشۇڭلارنى كۈچەيتىپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇڭلارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرى ۋە ياشلار خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى ۋە يۆنىلىشى قىلىش كېرەك، بۇ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ بىر ئاساسىي تەجرىبىسى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، جۈملىدىن كەڭ ياشلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق داۋانلاردىن ئۆتۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كېلىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ياشلارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ ياشلارنى تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار دېگەن ياشلىق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت ئەترەت، زەربىدار ئەترەت بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ياشلار غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان بولغاندىلا، جۇڭگو ياشلىرى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈمىدكە تولىدۇ. كەڭ ياشلارغا بولغان غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ياشلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي ئېقىمىدا توغرا كىشىلىك ھايات نىشانى تۇرغۇزۇپ، بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇل سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەگە ئۈزلۈكسىز ساغلام، ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭى قان يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارغا يۈزلەنگەن باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىلمىي ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەڭ ياشلارنى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە تىرىشىپ باشلامچى ۋە جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ياشلىق غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىشقا تەشكىللىشى، سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەش روشەن يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق كادىرلىرى پارتىيە ئۈچۈن ياشلار خىزمىتىنى ئىشلەشتەك قىممەتلىك پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، سىياسىي ئىقتىدارى، نەزەرىيە ساپاسى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى، ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ياشلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى تارماقلار ياشلار تەرەققىيات ئىشلىرىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قىزغىنلىق بىلەن ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئويلىنىشىنى دوكلات قىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرىدىن شۈ شياۋ، ۋاڭ يى، خۇ بەيجىڭ، خۇ شېڭ، شەپقەت ھوشۇر، يۈ جىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.

  شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ