لى چياڭ يېڭى يەرشارى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۈتۈمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.06.27 00:34 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پارىژدا يېڭى يەرشارى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۈتۈمى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پارىژدا يېڭى يەرشارى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۈتۈمى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا 60 نەچچە دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۈزەش مەسىلىسىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە قىلىپ، غايەت زور تۆھپە قوشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوچۇقى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرىكەت قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. لى چياڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنى تۈزەش ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مۇقىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈلۈش ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى تاماملاپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچى، دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بايلىقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كۆپ خىل شەكىلدە قوللايدۇ. ئۈچىنچى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا قورۇقچىلىقى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى «ئالاقىنى ئۈزۈش»كە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تالاش-تارتىش ۋە ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا، جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ مول ئىجادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يەرشارى دائىرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە نامراتلىق ھادىسىلىرىنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادىل ئۈستىگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى ۋە سودا ھەقدارلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، لى چياڭ يېڭى يەرشارى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۈتۈمى باشلىقلار يىغىنى خىزمىتى كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا يېتەكچىلىك سۆزى قىلدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربون تىپىغا ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن يەرشارى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا، ئورتاق، لېكىن پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، لى چياڭ يەنە ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ