شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۈن ئېردىنى بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.28 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۈن ئېردىنى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چېگراداش، ئۇزاق مەزگىللىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ ئىشىنىشكە ۋە تايىنىشقا بولىدىغان ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بېغىشلاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ھۆرمەت قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، موڭغۇلىيەمۇ دۆلەت ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرسا، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتسا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى بويىچە موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەرشارىۋى مۇھىتنى تۈزەشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ «1 مىليارد تۈپ كۆچەت تىكىش» پىلانىنى داۋاملىق قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە يېقىن بولغان مەيدان، تەشەببۇسقا ئىگە، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئويۈن ئېردىنى مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە - جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، خەلقلىرىنىڭ قەلبى تۇتاش، تەقدىرداش. موڭغۇلىيە تەرەپ شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە بېيجىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئۇچۇرنى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. موڭغۇلىيە تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ئىشىنىمەنكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە موڭغۇلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ ھەم تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ياشلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول، پورتلارنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، يېشىل تەرەققىيات، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ