شى جىنپىڭ باربادوس زۇڭلىسى موتېللى بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.28 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن باربادوس زۇڭلىسى موتېللى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باربادوس جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان شەرقىي كارب رايونىدىكى دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن باربادوس ئىككى دۆلەتنى گەرچە دېڭىز - ئوكيان ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مەقسەت، نىشانى بىردەك بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ، باربادوسنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو - باربادوس ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، باربادوس تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات «تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - باربادوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - باربادوس ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا باربادوس تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشى، تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ، باربادوس تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي پارتىيەلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن باربادوس ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىيات ساھەسىدە نۇرغۇن ئورتاق سۆزگە ئىگە، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باربادوسقا بېرىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باربادوس قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك ئارال دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، باربادوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىدىن كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كارب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  موتېللى مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق باربادوس - جۇڭگو ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو تەرەپنىڭ باربادوسنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە باربادوسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش جەھەتتە دۇنيا ھەۋەس قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەرشارىۋى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. باربادوس تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. باربادوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، سۇ بايلىقى، رەقەم ھاڭى، سەھىيە - داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. باربادوس تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرىدۇ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، كارب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ