لى چياڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.06.28 00:44 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا فەن مىڭجېڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى يۇغۇرۇلغان، تەقدىرداش. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. مۇرەككەپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى، پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق تورتىنى بارغانسېرى زورايتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك»نى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانى پىروگراممىسىنى ئىمزالاشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئۈنۈم يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، چېگرا ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، پورتلارنى ئېچىۋېتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، سېلىنما، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش لازىم. بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋىيېتنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ئاپپاراتلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو __ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ __ مىكون دەرياسى قاتارلىق رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دېڭىزدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىشىنى تېزلىتىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ.

  فەن مىڭجېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتى چوڭقۇر، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە بەرگەن غايەت زور ياردىمىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ۋىيېتنام دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئىككى دۆلەت ياخشى ئۇرۇق-تۇغقانلار، ياخشى قوشنىلاردۇر. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىشنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىختىلاپلارنى ياخشى تىزگىنلەپ، دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا فەن مىڭجېڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ